سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا تەييارلانماقتا

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېلىپ بارغۇسى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

1852721
سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپى ئاستىدىكى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغۇسى زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى، تېررورچىلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تەلرىفات ۋە مۇنبىچ قاتارلىق رايونلارنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ گە قارشى ئېلىپ بارغان فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېخى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېلىپ بارغۇسى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشىش خىزمەتلىرىنىمۇ ئىشلىمەكتە؛ بۇ دائىرىدە، تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە جايلاشقان ئازەزدىكى جەڭچىلەر ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللار ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى پات – پات مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ گە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر