ئامېرىكادا مۇستەقىللىق كۈنى ئۈچۈن پاراتتىن ئۆتۈش جەريانىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ ئىللىنوئىس ئىشتاتىدا 4 - ئىيۇل مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىكى پاراتتىن ئۆتۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 6 كىشى قازا قىلىپ،  24 كىشى يارىلاندى.

1851950
ئامېرىكادا مۇستەقىللىق كۈنى ئۈچۈن پاراتتىن ئۆتۈش جەريانىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايلېند باغچىسى باشلىقى لۇ جوگمېن مۇستەقىللىق كۈنى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتىن ئۆتۈش  جەريانىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھۇجۇمدا 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە  يارىلانغان 24 كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

لۇ جوگمېن تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، جىنايەت گۇماندارىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ  دەرھال ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىشى نەتىجىسىدە نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، گۇماندار  ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 8 كىلومىتىر يىراقلىقتا ماشىنىسىنى ئايلاندۇرىۋاتقان پەيتتە بايقالغان.

22 ياشلىق ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىق كرىمو قىسقا مۇددەت ئىز قوغلاشتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر