سومالى رەھبىرى: «بىز تۈركىيە بىلەن ھىدروكاربون سۆھبىتىنى باشلىدۇق»

سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد دۆلىتىنىڭ ھىدروكاربون زاپىسى توغرىسىدا تۈركىيە ۋە سومالى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1852073
سومالى رەھبىرى: «بىز تۈركىيە بىلەن ھىدروكاربون سۆھبىتىنى باشلىدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 3 – 5 – ئىيۇل كۈنلىرى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان  سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد، زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  تۈركىيە بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن باشلانغان تارىخىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2011 – يىلى سومالىنى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن قايتىدىن جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى، دەرۋەقە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن، بۇ زىيارەتنىڭ دۆلىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، مەيلى دۆلەت قۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىنسانپەرۋەرلىك  جەھەتتىن بولسۇن،  مەيلى بىخەتەرلىك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تېررورچىلارغا قارشى  كۈرەش جەھەتتىن بولسۇن، تۈركىيە ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا بىزنى قوللىدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ بۈيۈك دۆلەت ۋە خەلقى بىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ، سومالىنىڭ ھىدروكاربون بايلىقى مەسىلىسىگە ئالاقىدار سوئالغا، مۇنداق جاۋاب بەردى: «نۆۋەتتە، سومالىنىڭ ھىدروكاربون يوشۇرۇن كۈچى توغرىسىدا ناھايىتى ياخشى سانلىق مەلۇماتلار بار، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس.»

سومالىنىڭ ئافرىقادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان مەھمۇد، پۈتكۈل رايوننىڭ تېخىچە تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنى، ھىدروكاربون مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، تېخنولوگىيە، بىلىم، ئۇچۇر ۋە تېخنىكا تەجرىبىسى جەھەتتە ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان دۆلەت. تۈركىيە بىلەن سومالى ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھىدروكاربون مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشىمىز ھەققىدە كونكرېت جەريان ۋە سۆھبەتلەر بار. بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ساھە. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىمىز، ھەمراھ سۈپىتىدە تۈركىيە شىركەتلىىگە ئىشىنىمىز. ھىدروكاربون مەسىلىسى ھەققىدە ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدۇق. بىز نۆۋەتتە دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ، ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سومالىدا كەم دېگەندە 30 مىليارد ۋارىل نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر