ئىتالىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراغى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1851722
ئىتالىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراغى، تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ئەتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە «3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئىتالىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا باشلىقلار يىغىنى» غا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىغىندا، تۈركىيە – ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ھەمدە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

دىراغىنىڭ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ۋە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر