رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇزاراپ كېتىشىنى يەنە غەربكە دوڭگىدى

رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا يەنە غەربنى ئەيىبلىدى.

1851557
رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇزاراپ كېتىشىنى يەنە غەربكە دوڭگىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتلىق سارىيى كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە 1 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پروگراممىسىغا قاتناشتى.

پېسكوۋ غەربنىڭ ئۇرۇشنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «غەربلىكلەر تىنچلىققا ۋە مۇزاكىرىگە قىزىقمايدۇ، ئۇلار ئۇرۇشنى ئۇزارتىشقا تىرىشماقتا» دېدى.

پېسكوۋ ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تىنچلىق ھەققىدە ئويلىنىشى ۋە سۆز قىلىشىغا يول قويۇلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پېسكوۋ غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى باياناتلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ھازىر ۋەزىيەتنى پەسەيتىش تەشەببۇسىغا بولغان تەلەپ ئازايدى. ئەمما بىز بالدۇر ياكى كېيىن مۆتىدىللىقنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمىز. يەنە مۇزاكىرىلىشىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىنالىقلار بىزنىڭ بارلىق شەرتلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىشى، ئۇلارغا رازى بولىشى، ئولتۇرۇپ نۇرغۇن تەرەپلەردە بۇرۇنلا بىز كېلىشكەن ھۆججەتنى مۇقىملاشتۇرىشى لازىم» دېدى.

رۇسىيە باياناتچىسى ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ پەقەت ئۆز دۆلەتلىرىنىڭلا مەنپەئەتىنى ئويلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر