مىسىردا ئىككى ئايال لەھەڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلدى
مىسىرنىڭ سەھرۇل ھاشىش رايونىدا ئىككى ئايالنىڭ لەھەڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1851335
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر مەركەزلىك «ماسراۋى» تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە، لەھەڭ ھۇجۇمىدا 2 ئايالنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
مىسىر مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ۋەقەدىن كېيىنكى باياناتىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قارىتا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.
لەھەڭ ھۇجۇمى يۈز بەرگەن رايوندا بارلىق پائالىيەتلەر ۋاقىتلىق توختىتىلدى.
مەزكۇر رايوندا ئالدىنقى كۈنىمۇ ئاۋىستىرىيەلىك بىر ئايال لەھەڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان ئىدى.