كوپېنھاگېندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا تۈنۈگۈن بىر سودا سارايدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 كە ۋە ئېغىر يارىلانغانلارنىڭ سانى 4 كە يەتتى.

1851566
كوپېنھاگېندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوپېنھاگېن ساقچى باياناتچىسى سورېن توماسسې ھۇجۇمدا 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 2 كىشى شىۋىتسىيە پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 4 كىشىنىڭ ئېغىر ھەمدە يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

توماس گۇماندارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ تېرورلۇق ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، «يېقىنلىرىدىن ئايرىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. دانىيىلىكلەرنى بۇ قېيىن مەزگىلدە بىللە بولۇشقا ۋە بىر-بىرىنى قوللاشقا ئىلھاملاندۇرىمەن» دېدى.

تۈنۈگۈن دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېننىڭ ئاماگېر رايونىدىكى «Field's» ناملىق سودا سارايدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن نازارەتكە ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ 22 ياشلىق ۋە دانىيەلىك ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر