ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قوشۇمچە بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)، ئۇكرائىنانى ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 820 مىليون دوللارلىق بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1850984
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قوشۇمچە بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، بۇ قوشۇمچە ياردەمنىڭ 50 مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئامېرىكا  قورال زاپىسىدىن قورال بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى دائىرىسىدە، 770 مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ ئۇكرائىنانى بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش پىلانى دائىرىسىدە بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا 14 - قېتىم ئارمىيە ئامبىرىدىن قورال - ياراغ ۋە ئۈسكۈنە ياردىمى قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ ياردەملەرنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا قورال ئامبىرىدىن ئاجرىتىلغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق زەمبىرەكچى راكېتا سىستېمىسىنىڭ زاپاس ئوق - دورىلىرىنىڭ بارلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش پىلانى دائىرىسىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىشى ئۈچۈن ھالقىلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ياردەم پىلانى، ئىككى دانە ئىلغار تىپلىق يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 150 مىڭ دانە 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقى ۋە 4 دانە قوشۇمچە زەمبىرەك ئوقى ئىز قوغلاش رادارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلدى.

بايدىن ھۆكۈمىتى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان، ئۇكرائىناغا تەخمىنەن 7 مىليارد 600 مىليون دوللار بىخەتەرلىك ياردىمى بەرگەن بولۇپ، پېنتاگوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ياردەمنىڭ 6 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق قىسمى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان 24 – فېۋرالدىن بۇيان بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر