رۇسىيە ئودېسساغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 17 ئادەم قازا قىلدى

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا رايونىغا قاراتقان ئىككى قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 17 ئادەم قازا قىلدى.

1850602
رۇسىيە ئودېسساغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 17 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئودېسسا رايونلۇق ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى باياناتچىسى سېرگېي براتچۇك، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئودېسساغا قاراتقان ئىككى قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 31 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

براتچۇك، رۇسىيە ئارمىيەسى ئاتقان بىر راكېتانىڭ بىر تۇرالغۇغا تېگىپ 14 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى، 30 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى؛ يەنە بىر راكېتانىڭ شەھەردىكى بىر دەم ئېلىش ئورنىغا تېگىپ، بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى، بىر كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، رايوندىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر