ناتونىڭ يېڭى يۈزلىنىشى بېيجىڭنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى

ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بىلەن ناتونىڭ خىتاينىڭ ئەندىشەسىنى قوزغىدى.

1850374
ناتونىڭ يېڭى يۈزلىنىشى بېيجىڭنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋاننىڭ «ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمىنىڭ خىتاينى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك تەھدىتنى بىۋاسىتە ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ناتونىڭ رايونلۇق ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى، سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئېچىۋېتىش سىياسىتى، باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىش نىشانىنىڭ يوقلۇقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولۇشىغا قارىماي، ناتونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتا قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنىڭ ھېس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ناتو يېڭى جايلار ۋە رايونلارغا يۈزلىنىش ۋە تەرەپلەر ئارا قۇتۇپلىشىش پەيدا قىلىشنىڭ كويىدا. دۇنيا چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بۇ ئۇرۇنۇشلارنى رەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

ناتونىڭ ئىدېئولوگىيەلىك سىزىقلارنى سىزىش، سىياسىي قۇتۇپلىشىشلارنى پەيدا قىلىش ۋە يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلاش ئۇرۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان باياناتچى جاۋ لىجيەن: «ناتو ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئاللىبۇرۇن زىيان يەتكۈزدى. ئۇ ئاسىيا ۋە دۇنيانىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك» دېدى.

ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە رەھبەرلىرىنىڭ مادرىدتىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىمۇ خىتاينىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.

ئۇ، تۆت دۆلەت رەھبرىنىڭ بۇ قېتىمقى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە دەۋرنىڭ يۈزلىنىشى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇۇرۇشى روھىي ھالىتى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا تايىنىپ، تەرەپلەرنى قۇتۇپلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تار مەنپەئەت ھالقىلىرى ۋە گۇرۇپپىلارنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار قوللاشقا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇتۇق قازىنالمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نەشر ئورگىنى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»، «ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى خەتەرلىك ناتو سېپىلىنىڭ يېنىدا تۇرماسلىقى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، بارلىق ئەزالارنىڭ مەنپەئەت ۋە پوزىتسىيەلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ناتونى ئەسىرگە ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ناتوغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنغان دۆلەتلەر ھەمىشە ۋاشىنگىتونغا قاراشلىق بەگلەر ياكى ئۇنىڭ پىچكىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، نەتىجىدە، بىخەتەرلىك مۇھىتى تۈپتىن ياخشىلانمايلا قالماي، كۈتۈلمىگەن خەۋپلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا، ناتونىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي گۇرۇھ بولۇش سۈپىتى بىلەن خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشى قىيىن. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىش ماھىيىتىگە ئىگە» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېزىت، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىغا مۇناسىۋەتلىك «ناتونىڭ ئىتتىپاقلىق قارىشى مەۋجۇت كىرىزىسنى يوشۇرۇش تىرىشچانلىقىدۇر» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بولسا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىققا ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ئىتتىپاقنىڭ كېڭىيىشىنىڭ بىخەتەرلىكنى ئەمەس، ئۇرۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېررورىزمنى قوللاشنى توختىتىش توغرىسىدا بەرگەن كاپالىتىگە ئاساسەن تۈركىيەنىڭ ئىككى دۆلەت (شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە) نىڭ ئەزالىقىغا يېشىل چىراغ يېقىشىغا «تۈركىيەنىڭ غەلىبىسى» دەپ باھا بېرىلگەن ماقالىدە، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش ئارقىلىق تېخىمۇ بىخەتەر بولالمايدىغانلىقى قارىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر