جونسون ئەردوغاننىڭ خەلقئارا ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى رەھبەرلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش رەھبەرلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى.

1850091
جونسون ئەردوغاننىڭ خەلقئارا ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى رەھبەرلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسىنىڭ بىر باياناتچىسى، جونسون بىلەن ئەردوغاننىڭ ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، جونسوننىڭ تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «(جونسون) بىزنى تېخىمۇ خەتەرلىك ئون يىل كۈتۈۋاتقان بىر پەيتتە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئىتتىپاقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش ۋەزىر جونسون جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى (تاشقى دۇنياغا) چىقىرىش يولىدىكى رەھبەرلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىنى قامال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئۇكرائىنادا ۋە دۇنيادا خەلقئاراۋى ئىنسانىي كىرىزىس پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېدى.

باياناتتا يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ «تېخنىكا ۋە ئېنېرگىيە» قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «(رەھبەرلەر) ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ھەم ئەنگلىيە ھەم تۈركىيەدە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تەدبىرلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر