ئامېرىكادا تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 51 كە يەتتى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىغا قاراشلىق سان ئانتونىيو شەھىرىدە تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىدا تېپىلغان كۆچمەنلەر جەسىتىنىڭ سانى 51 كە يەتتى.

1849551
ئامېرىكادا تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 51 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائىرىلەر سان ئانتونىيودا تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىدىن بايقالغان جەسەتلەرنىڭ سانىنى دەسلەپتە 46 دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

يۈك ماشىنىسىدا ھايات قالغان ۋە بالنېستقا ئېلىنغان 4 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 16 كىشىدىن 5 نەپىرىنىڭ كېيىنچە دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان ۋە قانۇنسىز ئىشچىلار ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان جەنۇبىي ئامېرىكالىق كۆچمەنلەردىن 22 نەپىرىنىڭ مېكسىكا پۇقراسى، 7 نەپىرىنىڭ گۋاتېمالا پۇقراسى، 2 نەپىرىنىڭ گوندۇراس پۇقراسى ئىكەنلىكى، قالغانلارنىڭ بولسا سالاھىيەت تەكشۈرۈلىشى تېخى تاماملانمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سان ئانتونىيو ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ۋىليام مېكمانۇس دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سان ئانتونىيوغا يېقىن بىر چۆل يولىدا تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىغانلىقىنى، مەسئۇللارغا ئەھۋال يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن يۈك ماشىنىسى تەكشۈرۈلگەندە ئىچىدە جەسەتلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مېكمانۇس تاشلىۋېتىلگەن يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىككى كىشىنىڭ نەزارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر