بېننېت ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت، تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1849631
بېننېت ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېننېت ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن يېقىنقى ئايلاردا بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىسرائىلىيە مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك تەشكىلاتىمىزغا ۋە تۈركىيە بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

بېننېت، مەزكۇر ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، پۇقرالارنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ، تۈركىيەدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەمكارلاشقانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى يازما باياناتىدا بولسا، «بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىسرائىلىيە-تۈركىيە ئورتاق تىرىشچانلىقى سايىسىدا، ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا زىيان يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان نۇرغۇن ئىران شايكىلىرىنىڭ (ھەرىكەتلىرىنىڭ) ئالدى ئېلىنغانلىقى» قەيت قىلىندى.

تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر قانچە ئىران شايكىسىنى بايقىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى دۇچ كەلگەن تەھدىت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر