ئامېرىكادا بىر تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن 42 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىغا قاراشلىق سان ئانتونىيو شەھىرىدە بىر تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن 42 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1849004
ئامېرىكادا بىر تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن 42 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سان ئانتونىيو شەھىرىدە بىر تاشلاندۇق يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن كۆچمەنلەر ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان 42 كىشىنىڭ جەسىتى چىققان.

يۈك ماشىنىسىدىكى 16 كىشى رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.

يۈك ماشىنىسىدىكى كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان كۆچمەنلەر ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

سان ئانتونىيو ساقچى ئىدارىسىنىڭ يۈك ماشىنىسى شوپۇرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى ۋە ۋەقە توغرىسىدا تېخىچە بىرەر رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر