يەھۇدىي كۆچمەنلەر 2 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بەردى

يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 2 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بەردى.

1848216
يەھۇدىي كۆچمەنلەر 2 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راماللاھنىڭ ئەل مۇغايىر يېزىسى يەرلىك كېڭىشى رەئىسى ئىمىن ئەبۇ ئۇليا ئونلىغان يەھۇدىي كۆچمەننىڭ راماللاھنىڭ شىمالىدىكى تۇرمۇسايا يېزىسىدا 5 پەلەستىنلىك تاش ئويمىچىلىق ئۇستىسىغا  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەبۇ ئۇليا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك خالىد زىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كۆچمەنلەرنىڭ يەنە پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە 2 ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە كۆيگەن ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئوت قويۇپ بەرگەن ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى پەلەستىنلىك مۇھەممەد ئارىف، تۇرمۇسايا يېزىسىنىڭ يېنىدىكى شىلو ئولتۇراق رايونىدىن كەلگەن يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندا ئۇنىڭغا ۋە دوستلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

مۇھەممەد ئارىف تەخمىنەن 60 يەھۇدىي كۆچمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يەھۇدىي كۆچمەنلەردىن بىرسىنىڭ قۇرۇلۇش ماشىنىسىغا چىقىپ دەسلەپتە قۇرۇلۇش ماشىنىسىغا زىيان سالغانلىقىنى، ئاندىن ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر