ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 5 ئايلىق بىر بوۋاق قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئاپتوموبىلدىكى 5 ئايلىق بوۋاق قازا قىلدى.

1848241
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 5 ئايلىق بىر بوۋاق قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىكاگونىڭ جەنۇبىي قىرغاق رايونىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ئەتراپتا ئاپتوموبىل بىلەن ئايلىنىپ قالايمىغان ئوق چىقارغان ھۇجۇمچىلار باشقا بىر ئاپتوموبىلدىكى 5 ئايلىق بوۋاقنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

جىددىي قۇتقۇزۇش  ئەترىتى ۋە ساقچى ئەترىتى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ھۇجۇمدا 5 ئايلىق بىر قىزنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

چىكاگو ساقچىلىرى باشقا بىر ئاپتوموبىلدىكى 41 ياشلىق ئەرنىڭمۇ كۆزىدىن يارىلانغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقەگە دائىر تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر