ۋىلادىمىر پۇتىن: «ئامېرىكانىڭ ياۋروپادا 200 دانە يادرو تاكتىكىلىق بومبىسى بار»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بېلورۇسىيە بىلەن خەلقئارا ئوغۇت بازىرىدا خېرىدارلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە باغلىق پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىش توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1848225
ۋىلادىمىر پۇتىن: «ئامېرىكانىڭ ياۋروپادا 200 دانە يادرو تاكتىكىلىق بومبىسى بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن بېلورۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو بىلەن سانت پېتىرسبۇرگدا كۆرۈشتى. ئۇچرىشىتىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن بېلورۇسىيەنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئوغۇت بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن: «ئوغۇتنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەلۋەتتە كېلەر يىللىق ھوسۇلغا بولغان ئۈمىتلىرىمىزنى تۆۋەنلەتمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ ئېچىنىشلىق. بىز سىلەر (بېلورۇسىيە)  بىلەن ھەممە ئىشنى قىلىشتا ئىستېمالچىلارنىڭ ۋە خېرىدارلارنىڭ تەلىپىنى قامداش ئۈچۈن بىزگە باغلىق پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىش كېلىشىمى ھاسل قىلدۇق» دېدى.

 

پۇتىن رۇسىيە بىلەن بېلورۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئاشلىق تىرانسپورتى مەسىلىسى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى دۇنيا بازىرىنى 40 مىليون توننا ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە كېلەر يىلى ھوسۇل مەزگىلىدە 50 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق يەتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيە بىلەن بېلورۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر كۆز قارىشىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان پۇتىن، «ئامېرىكانىڭ ياۋروپادا 200 دانە يادرو تاكتىكىلىق بومبىسى بار، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتوم بومبىسى. بۇ 200 بومبا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 6 ياۋروپا دۆلىتىدە ساقلانماقتا. بۇلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن 257 ئايروپىلان تەييارلىدى. بۇ ئايروپىلانلار ئامېرىكانىڭ بولۇپلا قالماي، مەن تىلغا ئالغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئايروپىلانلىرىدۇر» دېدى.

پۇتىن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ چېگراغا يېقىن يەرلەردە يادرو قوراللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچۇش مەشىقلىرىگە ئىنتىقام خاراكتېرلىق جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، بېلورۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە «Su-25» تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ رۇسىيەدە زامانىۋىلاشتۇرىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر