ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قورال تۈزۈمى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى، دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ بىردەك قوشۇلۇشىدىن ئۆتكەن قورال تۈزۈمى قانۇنىنى پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى.

1848115
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قورال تۈزۈمى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈنۈگۈن كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي مەجلىسىدە ماقۇللانغان قورال تۈزۈمى قانۇنى بۈگۈن ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي مەجلىسىدە 193 كە قارشى 234 بېلەت بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.

بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر قورال تۈزۈمى قانۇن لاھيىەسىنى تەستىقلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قانۇن لايىھەسى 18 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان قورال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ جىنايى ئىشلار ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈشىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى تۈپ مەقسەت قىلسىمۇ، ئىزچىل قورال ئېلىپ – ساتىدىغانلارنىڭمۇ ئىجازەتنامە ئېلىشىنى شەرت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر