رۇسىيە فىرانسىيەلىك دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى

فىرانسىيە موسكۋا ئەلچىخانىسىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

1847706
رۇسىيە فىرانسىيەلىك دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى، فىرانسىيەنىڭ موسكۋا ئەنچىخانىسىغا، ئەلچىخانا قارمىقىدا ئىشلەۋاتقان مەدەنىيەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە تېرروتېرىيەسىدە «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق «قانۇنىي دەلىل – ئىسپات» كۆرسىتىلمىگەن، فىرانسىيە تەرەپ بۇ قارارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننانىڭ، مىنىستىرلىقنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسىدىكى خادىمىنىڭ خىزمىتىنىڭ، دىپلوماتىك ۋە كونسۇلخانا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى «ۋيېننا ئەھدىنامىسى» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تەرىپىدىن ئىجازەتنامىسى يېڭىلانمىغان فىرانسىيە مەسلىھەتچىسىنىڭ، 17-ئىيۇلغىچە چېگرادىن ئايرىلىشى كېرەك ئىكەن.

رۇسىيە تەرەپ، مەزكۇر دىپلوماتنىڭ يېقىندا تاقىۋېتىلگەن بىر فوندى جەمئىيەت  ۋە بۇ دۆلەتتە چەكلەنگەن بىر مېديا ئورگىنىنى مەخپىي ھالەتتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر