رەئىسى بىلەن لاۋروۋ ئىران-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى ۋە كوردىناتسىيە كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى.

1847169
رەئىسى بىلەن لاۋروۋ ئىران-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىرنا (İRNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىبراھىم رەئىسى رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تېھرانغا يېتىپ كەلگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىبراھىم رەئىسى بىلەن لاۋروۋ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايون ۋە خەلقئارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئىبراھىم رەئىسى ئىران-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىش ۋە يىغىنلارنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق دەۋرىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيەنى كۈچەيتىش، ئامېرىكانىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرگە قارشى يولغا قويغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارغا ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيە» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇرۇشنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئىراننىڭ مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈچۈن ياردەمچى بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ناتونىڭ غەربىي ئاسىيا، كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا «كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى» يولغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا قارشى چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ توقۇنۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشىدا، ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ رول ئوينىغانلىقىدا گۇمان يوق.»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ تېھران بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەگە چىقىرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكلاتىغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا توختىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئىراننىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى رولىنى زورايتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر