پېسكوۋ: رۇسىيە ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئوغرىلىمىدى

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئوغرىلىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1847466
پېسكوۋ: رۇسىيە ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئوغرىلىمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنا بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لېكىن تىنچلىق رۇسىيەنىڭ بارلىق تەلەپلىرى ئۇكرائىنا تەرىپىدىن قاندۇرۇلغاندىلا ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ. دەرۋەقە، بۇ شەرتلەر ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى بىلىنىدۇ.»

كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىقىنى ئوغرىلىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەۋاسىغىمۇ جاۋاب بەرگەن پېسكوۋ، «رۇسىيەنىڭ ھېچقانداق بىر ئاشلىقنى ئوغرىلىغىنى يوق» دېدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر