ناتو تۈركىيە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئىشقا ئاشماسلىق ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتتى.

1847044
ناتو تۈركىيە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىق ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسلىرى ھەققىدە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئىشقا ئاشماسلىق ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتتى.

ستولتېنبېرگ، « Politico» ناملىق خەلقئارا خەۋەرلەر تور بېتىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىق ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ناتو ئىچىدە كۆپ قېتىم ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، 1950 – يىللاردىكى سۇۋەيش كىرىزىسىنى، 1960 – يىللاردىكى فىرانسىيەنىڭ ناتونىڭ ھەربىي قانىتىدىن ئايرىلىشىنى، 1970 – يىللاردىكى ئافرىقا ۋە ۋېيتنام ئۇرۇشلىرىنى، كېيىنكى يىللاردىكى ئىراق ئۇرۇشىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى بۇنىڭغا مىسال كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەيران قالارلىق ئىشمۇ ئەمەس، چۈنكى بىز ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەلەرگە، ئوخشىمىغان تارىخقا ئىگە، ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيەلەردىكى 30 ئوخشىمىغان دۆلەتمىز. ئوخشىماسلىقلارغا قارىماي، بىر-بىرىمىزنى قوغداشتا مۇرەسسەچىلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز. فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە مەسىلىسىدىمۇ مۇرەسسەچىلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. لېكىن، نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، تۈركىيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرغا قويۇۋاتقان ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىشتۇر. تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان دۆلەت ۋە ناتو ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيەگە چېگرىداش بولغان ناھايىتى زور ئەھمىيەت ئىگە بىر دۆلەتتۇر. دەرۋەقە، تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى ۋە ئويناۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە قارادېڭىز دۆلىتى سۈپىتىدە ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە. مەسىلەن، نۆۋەتتە ئۇكرائىنادىن ئاشلىقنىڭ چىقىرىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا ھەم مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. تۈركىيە ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئەلۋەتتە بىز بۇ ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. دەرۋەقە، ھازىر بىزمۇ دەل شۇنداق قىلىۋاتىمىز. فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناتوغا ئەزا بولۇشىغا يول قويۇش ئۈچۈن بىر چارە تاپالايدىغانلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدە قارارلارنىڭ 30 دۆلەتنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ، باش كاتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناتوغا ئەزا بولۇشىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن، ئەمما بۇ مېنىڭ نىشانىم، خالاس. ناتوغا ئەزا  بولۇش باسقۇچلىرىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بارلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئوخشاش نۇقتىدىن باشلىمىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. بىز مۇرەسسەچىلىك يولى ۋە ئورتاق زېمىن تېپىشىمىز كېرەك. دەرۋەقە، بىز بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر