كارېن دونفرىد: تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئەندىشىسىنى ئېتىراپ قىلىمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى كارېن دونفرىد تۈركىيەنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىلىشىگە بولغان قانۇنلۇق ئەندىشىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1847195
كارېن دونفرىد: تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئەندىشىسىنى ئېتىراپ قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى كارېن دونفرىد تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا بولغان قانۇنلۇق ئەندىشىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ مەسىلىلەر پات يېقىندا ھەل قىلىنىدۇ» دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىغا قارىتا مەخسۇس يىغىن چاقىردى.

يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا، كومىتېت رەئىسى دېموكراتچى بوب مېنېندېز بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جىم رىچ ئوتتۇرىسىدا تۈركىيەگە دائىر قىسقا تالاش-تارتىش يۈز بەردى.

مېنېندېز مەzكۇز ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا تۈركىيەنىڭ نارازىلىق بىلدۈرىشىنىڭ رۇسىيەگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭغا جاۋابەن جىم رىچ: «شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن ياخشى نىيەتتە سۆھبەتلەشكەنلىكرىنى بىلدۈردى. بۇ مەسىلىنى ئەشۇ دۆلەتلەرگە قويۇپ بېرىش ئەڭ ياخشى. ئەمما شۇنىمۇ ئېيتايلىكى بۇ مەسىلە بالدۇرراق تۈگىشى كېرەك» دېدى.

دونفرىد سۆزىدە فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇلۇشىنىڭ ئىتتىپاقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشىلەر ئۈستىدىمۇ  توختالدى.

دونفرىد فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەلۋەتتە، تۈركىيەگە ئوخشاش ئامېرىكامۇ تېرورلۇقنى قوللاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى خالايدۇ. بىز بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ 3 دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى مېنېندېزنىڭ يىغىندا ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ نى قوللىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىقرارىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن قاچمىدى.

مېنېندېز «ئەمەلىيەت شۇكى، پ ك ك ۋە ي پ گ  مەسىلىسىدە فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى بىزنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىلگىنىڭىزدەك، بۇ تەشكىلاتلار بىزنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىمىزگە ياردەم بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر