ب د ت تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاندا 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە 1500 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن پاكىستانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1847240
ب د ت تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى ياردەمچىسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماسلاشتۇرغۇچىسى رامىز ئەلئەكبەروۋ، ب د ت نىڭ نىيۇ يوركتىكى باش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئەلچىخانىسى مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلەشتىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى يوق. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئافغانىستانغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. يېمەك - ئىچمەك تارقىتىش مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا تۈركىيە ۋە پاكىستان دائىرىلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.»

تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن رەسمىي ياردەم تەلىپى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلئەكبەروۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز رەسمىي ياردەم تەلىپى سۇنۇشتىن بۇرۇن، بۇ مەسىلە ھەققىدە تالىبان بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. پاكتىيا، جايان ۋە بېرمال ناھىيەلىرىدىكى ئاپەت رايونلىرىدا دەسلەپكى قەدەمدە ياردەمدە بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەترەتلىرى، شۇ تاپتا ساھەدە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياردەمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز.»

بۇ ئارىلىقتا، تالىبان، 5.9 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كۆپ ساندا كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، خەلقئارالىق ياردەم چاقىرىقىدا بولدى.

تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئابدۇلقاھھار بەلخى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئاجىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى، قوشنا دۆلەتلەر ۋە دۇنيا كۈچلىرى ياردەم بېرىۋاتىدۇ، لېكىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ مىقدارى كەڭ دائىرىدە ئاشۇرۇلۇشى لازىم. چۈنكى، بۇ قېتىمقىسى قانچە ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر