ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 324 كىچىك بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 324 بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1846886
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 324 كىچىك بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 324 بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 592 بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «دونېتسىكى رايونىدا 307، خاركوۋ رايونىدا 175، كىيېۋ رايونىدا 116، چېرنىخېۋ رايونىدا 68، لۇخانسكى رايونىدا 54، خېرسون رايونىدا 52، مىكولايېۋ رايونىدا 48، زاپوروجيې رايونىدا 30، سۇمى رايونىدا 17 كىچىك بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باش تەپتىش مەھكىمىسى يەنە، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تۈپەيلى ئۇكرائىنادىكى كەم دېگەندە 2052 مائارىپ ئورگىنىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، 210 نىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر