ئامېرىكادا دىنىي مەكتەپلەرمۇ دۆلەتنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنالايدىغان بولدى

ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى «دىنىي مەكتەپلەر خۇسۇسىي مائارىپ دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ ياردىمىدىن چىقىرىۋېتىلىشكە بولمايدۇ» دەپ قارار چىقاردى.

1846760
ئامېرىكادا دىنىي مەكتەپلەرمۇ دۆلەتنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنالايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى 3 كە قارشى 6 ئاۋاز بىلەن چىقارغان قارارىدا، ماينې ئىشتاتىدا سۇنۇلغان بىز ئەرزنامىغا قارىتا «دىنىي مەكتەپلەرنى دۆلەتنىڭ خۇسۇسىي مائارىپ بىلەن تەمىنلەيدىغان مەكتەپلەرگە ياردەم قىلىش پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئالىي سوتنىڭ رەئىسى جون روبېرتس قارارنى ئېلان قىلىپ، ماينېدىكى مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى دىنىي ئەركىنلىككە دائىر ھۆكۈملىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قارارغا قارشى چىققان ئۈچ سوتچىنىڭ بىرى سونىيا سوتومايور: «بۇ سوت چېركاۋ بىلەن دۆلەتنى ئايرىيدىغان تامنى چېقىپ تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

ماينې ئىشتاتى دىكابىردا دۆلەت مەكتىپىگە كىرەلمىگەن يېزا ئائىلىلىرىنىڭ خۇسۇسي مەكتەپ چىقىملىرىغا ياردەم بېرىش پىروگراممىسى دائىرىسىگە كېرىدىغان تۇرۇقلۇق، بۇنىڭغا  دىنىي مەكتەپلەرنى كىرگۈزمىگەنلىكى سەۋەبىدىن دەسلەپتە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان، كېيىن دېلونى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يۆتكىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر