رۇسىيەنىڭ روستوۋ رايونىدا بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

رۇسىيەنىڭ روستوۋ رايونىدا «Su-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، بىر ئۇچقۇچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1846592
رۇسىيەنىڭ روستوۋ رايونىدا بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي ھەربىي رايونى ئاخبارات مەركىزى «Su-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئايروپىلاننىڭ پىلانلانغان مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە بىر ئۇچقۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇچۇش مەشىقى ئوق-دورىسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولغاچقا، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن بوش جايدا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىدى.»

دەسلەپكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلان تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، رۇسىيە ھاۋا ۋە ئالەم ئارمىيەسىدىن بىر كومىتېت ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تەكشۈرۈشتە بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر