گېرمانىيە بېنزىن ۋە دېزىللىق ئاپتوموبىللارنى چەكلەشنى قوبۇل قىلمايدۇ

گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى كرىستىن لىندنېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2035-يىلدىن باشلاپ يېڭى بېنزىن ۋە دىزېل مېيىنى يېقىلغۇ قىلدىغان ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى چەكلەش قانۇنى چىقىرىشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1846632
گېرمانىيە بېنزىن ۋە دېزىللىق ئاپتوموبىللارنى چەكلەشنى قوبۇل قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى كرىستىن لىندنېر گېرمانىيە سانائەت كۈنى (21-ئىيۇن) مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە 2035-يىلدىن باشلاپ يېڭى بېنزىن ۋە دىزېل مېيىنى يېقىلغۇ قىلدىغان ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى چەكلەشكە مۇاسىۋەتلىك پىلاننىڭ «خاتا» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قانۇنىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپا يېشىل كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى بولغان ۋە 2030-يىلغا بارغاندا بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئەڭ ئاز دېگەندە %55 ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان «55 كە ماس كېلىدىغان» يۈرۈشلۈك پىلان بويىچە، 2035-يىلدىن تارتىپ سېتىلىدىغان يېڭى ئاپتوموبىل ۋە يېنىك سودا ئاپتوموبىللىرىنىڭ نۆل بۇلغىمىلىق بولۇشىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە 2035-يىلدىن تارتىپ يېڭى بېنزىن ياكى دىزېل ئاپتوموبىللىرى سېتىلمايدۇ.

ياۋروپا پارلامېنتى 8-ئىيۇن 2035-يىلدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە يېڭى بېنزىن ۋە دىزېل ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىنى قوللىدى. بۇ باسقۇچتىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتىبىلەن ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قانۇن توغرىسىدا مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2050-يىلىغىچە بارلىق ساھەلەر ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىلىمىسىز بولۇشىنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر