بېنگالدىكى كەلكۈندە 36 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

بېنگالنىڭ دېڭىز سەۋىيەسىدىكى رايونلىرىدا شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 36 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1846795
بېنگالدىكى كەلكۈندە 36 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سىلخېت رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدا 18 كىشى، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا مايمېنسىڭگ رايونىدا 15 كىشى، شىمالىي رانگپۇر رايونىدا 3 كىشى قازا قىلغان.

بۇ رايونلاردا يېقىنقى ئۈچ كۈندە داۋاملاشقان كەلكۈن سەۋەبىدىن، 3000 دىن ئارتۇق كىشى سۇدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان.

كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ​​سۇ تارقىتىش خىزمەتلىرىگە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ھاۋا ئارمىيىسى ئەزالىرى قاتناشتى.

سىلخېت رايونىدىلا 56 مىڭ گېكتار شال ئېتىزى زىيانغا ئۇچرىدى. باشقا يەرلەردىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىمۇ ئېغىر زىيان تارتتى.

كەلكۈن يەنە تاشيول ۋە تۆمۈر يوللىرىغىمۇ ئېغىر زىيان سالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر