ماكرون بورنېنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلمىدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، باش مىنىستىر ئېلىزابىت بورېنىڭ ئومۇمىي سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سۇنغان ئىستېپا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىدى.

1846372
ماكرون بورنېنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنى مەنبە قىلغان خەۋەرلىرىدە، ماكروننىڭ بورنېنىڭ «ھۆرمەت ئىستېپاسى» نى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق چوڭ سايلامدا ماكرون باشچىلىقىدىكى ئانسامبىل (بىرلىكتە) ئىتتىپاقى پارلامېنتتا مۇتلەق كۆپ سانلىققا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئەربابلىرى بورنىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئەنئەنە بويىچە فىرانسىيەدە ھەر قېتىملىق چوڭ سايلامدىن كېيىن، مەۋجۇت باش مىنىستىر پىرېزىدېنتقا ئىستېپاسىنى سۇنىدىغان بولۇپ، بۇ «ھۆرمەت ئىستېپا»سى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ جەرياندا، ئېممانۇئېل ماكرون بۈگۈن ۋە ئەتە ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئېلىسې سارىيىدا كۆرۈشۈپ سايلام نەتىجىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر