خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرى شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشلىق سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.

1846045
خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكىناۋا ئۆلكىسى ناخا ناھىيەسىدىكى 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت باش ئىشتابى بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز ھالدا كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى پاراخوت ئۇتسۇرى ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە كېلىپ، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تالاش - تارتىشلىق رايوندا تۇرۇۋاتقان ياپونىيە بېلىقچى پاراخوتلىرىغا يېقىنلاشقان.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرىنىڭ رايوندىن ئايرىلىشى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن، خىتاي پاراخوتلىرى رايوندىن يىراقلاشقان.

NHK ئاممىۋى تارقىتىش شىركىتى، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ بۇ يىل 11-قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شەرقىي دېڭىزدىكى ياپونىيە «سېنكاكۇ»، خىتاي تەرەپ «دياۋيۈ» دەپ ئاتاۋاتقان تاقىم ئاراللىرى بەش ئارال ۋە ئۈچ قىيا تاشلىقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئادەم ياشىمايدىغان تاقىم ئاراللىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى دەتالاشلىرىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر