ئاسسام ئىشتاتىدا يامغۇر سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 71 گە چىققان

ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئىشتاتىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سەلدە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 71 گە چىقتى.

1845852
ئاسسام ئىشتاتىدا يامغۇر سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 71 گە چىققان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان دائىرىلىرى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دەريالاردىن بىرى بولغان براھماپۇترا دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ۋە ھەپتىلەر بويىچە شىددەتلىك ياغقان يامغۇردا يەنە توققۇز كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن 6-ئاپرېلدىن (2022) تارتىپ يامغۇر سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 71 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسسام ئىشتاتى تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى سەلنىڭ يېقىنقى 24 سائەتتە ئىشتاتتىكى 33 رايوندا يۈز بەرگەنلىكىنى، 4 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەسئۇل دائىرىلەر سەككىز كۈندىن بۇيان سەل ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىگە دۇچ كەلگەن ئاسسام ئىشتاتىدا، سەككىز كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاپەت سەۋەبىدىن 186 مىڭ 424 كىشىنىڭ ياردەم لاگېرلىرىدا پاناھلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر