زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، دۆلىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان رۇسىيەنىڭ «ئەڭ ئېغىر» بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1845203
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون پايتەخت كىيېۋدا كۆرۈشكەندىن كېيىن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى؛ زېلېنسكىي دۆلىتىگە نىسبەتەن مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقى ۋە زېمىنىغا تەھدىت ئامىلى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلماقتا. رۇسلار ئۆي، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىگە زەربە بەرمەكتە. رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قارشى مۇداپىئە ياردىمى بېرىش شېرىكلىرىمىزنىڭ، ھەممىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلىش زېمىنىمىزنىڭ كۆپ قىسمىدىكى خەلقىمىزنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ جونسون بىلەن ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇرۇش سەۋەبىدىن رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ جازالارنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: «تاجاۋۇزچى رۇسىيە بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى، ھەمدە خەلقىمىز ۋە كارخانىلىرىمىزغا سالغان زىيانلار ئۈچۈن چوقۇم تۆلەم تۆلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

زېلېنسكىي يەر شارىۋى ئاشلىق كىرىزىسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇكرائىنا پورتلىرىنى قامال قىلىۋالغان رۇسىيە، دۇنيا بازىرىدىكى ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ جاۋابكارىدۇر. ئافرىقا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى ئاچارچىلىقتىن قوغدىلىشى كېرەك. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئاساسلىق يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن قوغدىلىشى كېرەك. رۇس تاجاۋۇزچىلىقى بولمىغان بولسا ئىدى، ئاشلىق كىرىزىسى بۇ سەۋىيەدە بولمىغان بولاتتى» دېدى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون بولسا، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەم دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەمدە ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «شۇڭلاشقا مەن زېلېنسكىيغا ئۇكرائىنانىڭ غەلىبە قىلىش ئىرادىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ چوڭ كۈچلەر تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇرۇشنىڭ تەڭلىمىسىنى ئۆزگەرتىش خاراكتېرىگە ئىگە يېڭى بىر قېتىملىق ھەربىي مەشىق پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم». دېدى.

زېلېنسكىي بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، مەشىق ئۇكرائىنانىڭ سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر