ئەنگلىيە جۇلىئان ئاسسانجنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قارار قىلدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋىكىلېكس تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىئان ئاسسانجنىڭ ئامېرىكاغا قايتۇرۇلسا بولىدىغانلىقىغا قارار قىلدى.

1844956
ئەنگلىيە جۇلىئان ئاسسانجنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پرىتى پاتېل، جۇلىئان ئاسسانجنىڭ ھەر خىل جىنايى ئەيىبلەشلەر بويىچە سوتلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى قارارنامەنى تەسقىتلىدى.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «6 - ئاينىڭ 17 – كۈنى ھەم ياراشتۇرۇش مەھكىمىسى ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراشلىرىدىن كېيىن، ئاسسانجنى ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىش قارار قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئاسسانجنىڭ 14 كۈن ئىچىدە بۇ قارارغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقى بار بولۇپ، ۋىكىلېكس تور بېتى، ئاسسانجنىڭ بۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا 2010 ۋە 2011-يىللىرى نەچچە مىڭلىغان مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىۋەتكەن جۇلىئان ئاسسانجنى 18 تۈرلۈك جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە؛ ۋاشىنگتون بولۇپمۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى «ئۇرۇش جىنايىتى» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان مىڭلارچە مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئاسسانجنى جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتلاشنى پىلانلىماقتا.

ئاسسانج ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە 175 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر