بېلگىيەدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بايقالدى

بېلگىيەدە 52 مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1844527
بېلگىيەدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە دۆلەتلىك خەلق ساقلىقى ئىنىستىتۇتى (Sciensano) 52 مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇنىڭ 24 ىنىڭ پايتەخت بىريۇسسېلدا، 24 ىنىڭ فلامانچە ۋە تۆتىنىڭ فىرانسۇزچە سۆزلىشىدىغان رايونلاردا بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىريۇسسېلدا 20-مايدا ئۇقتۇرۇلغان مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقەدە، ۋىرۇسنىڭ ئانتۋېرپ (Antwerp) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن داركلاندس (Darklands) ناملىق فېستىۋالدىن تارقالغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا دىرېكتورى دوكتور خانىس كلۇگ (Hans Kluge) تۈنۈگۈن (15-ئىيۇن) بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپانىڭ ئۆتكەن ئايدىن بۇيان دۇنيادا تارقالغان مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ مەركىزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، كۆرۈلگەن 1600 دىن ئارتۇق ۋەقەدىن %85 نىڭ ياۋروپادا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر