ئىراندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى

ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىدە 5.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.

1843773
ئىراندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى گېئوفىزىكا ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى دۆلەتلىك يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىنىڭ جەناھ شەھىرىدە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10.36 دا، 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا  5.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

دۆلەتلىك يەر تەۋرەش مەركىزى، ھورمۇزگان ئۆلكىسىدە كۈندۈزى 4.4 ۋە 4.5 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر