ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ بەزى ئورگانلىرىنىڭ ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك سودىسىغا يول قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ Sberbank، VTB Bank،Alfa-Bank  بانكىلىرى  ۋە باشقا بىر قىسىم ئورگانلىرىنىڭ ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك سودىسىنىڭ 5-دېكابىرغىچە داۋاملىشىشىغا يول قويدى.

1843323
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ بەزى ئورگانلىرىنىڭ ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك سودىسىغا يول قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى،  قىسمەن سودا ئىشلىرىغا يول قويۇلغان ۋە 24 – ئىيۇن كۈنى توشىدىغان كەچۈرۈمنامەنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

 بۇ دائىرىدە، رۇسىيەنىڭ Sberbank، VTB Bank،Alfa-Bank  بانكىلىرى  ۋە باشقا بىر قىسىم ئورگانلىرىنىڭ ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك سودىسىنىڭ 5-دېكابىرغىچە داۋاملىشىشىغا يول قويۇلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەنىڭ  24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار دائىرىسىدە، بۇ دۆلەتتىن  نېفىت، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) ۋە كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنىدى.

لېكىن، رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن، رۇسىيەگە مۆھلەت بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر