فىرانسىيەدە جامەدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

فىرانسىيەنىڭ رېننېس شەھىرىدىكى مائورېپاس جامەسى ئوت قويۇپ بېرىش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىدى.

1842598
فىرانسىيەدە جامەدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى كەچ تەرەپلەردە جامەنىڭ قورۇسىدا ئامبار سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان كەپە ئۆيلەردە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن ئوت ئاپىتى نەتىجىسىدە جامەدە ماددىي زىيان كېلىپ چىققان.

رېننېس تەپتىش مەھكىمىسى، ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر