بېلگىيەدە  پېدال تېپىش ئارقىلىق ھەقسىز توك قاچىلاش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا پويىز ئىستانسىسىغا ئورنىتىلغان مۇقىم توك قاچىلاش ۋېلىسىپىتلىرى بىلەن يولۇچىلار پېدال تېپىش ئارقىلىق تېلېفونلىرىغا ھەقسىز توك قاچىلىيالايدىغان مۇلازىمەت يولغا قويۇلدى.

1842897
بېلگىيەدە  پېدال تېپىش ئارقىلىق ھەقسىز توك قاچىلاش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىريۇسسېلدىكى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىغا ئورۇنلاتۇرۇلغان 4 تۇراقلىق ۋېلىسىپىتتە پېدال تېپىش ئارقىلىق توك قاچىلىغىلى بولىدۇ.

يولۇچىلار پويىزنى ساقلاش جەريانىدا بۇ ۋېلىسپىتلەر بىلەن  پېدال تېپىش ئارقىلىق ئۆزىگە لازىملىق ئېلېكتىرنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىدۇ. تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە توك قاچىلىيالايدۇ.

ھەم ھەقسىز، ھەم پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغان يولۇچىلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بەدەن چېنىقتۇرغان بولىدۇ.

بېلگىيە دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتى <SNCB> تەرىپىدىن پويىز ئىستانسىسىغا ئورنىتىلغان توك قاچىلاش ۋېلىسىپىتلىرىدە پېدال تېپىش ئارقىلىق 150 ۋاتتىن 230 ۋاتقىچە توك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر