ئامېرىكا كونگرەسى قورال ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە كېلىشتى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكرات ۋەكىللەر قورال ئىسلاھاتى قانۇن تەكلىپ لايىھەسى مەسىلىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشتى.

1842045
ئامېرىكا كونگرەسى قورال ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى قورال ئىسلاھاتى قانۇن تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكادا يېقىنقى كۈنلەردە كۈنتەرتىپكە كەلگەن قورال ئىسلاھاتى مۇنازىرەلىرى توغرىسىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تېكستى ھازىرچە يېزىلمىغان قانۇن لايىھەسىنىڭ، كىشىلەرگە پىسخىكىلىق ياردەم قىلىش، مەكتەپلەردىكى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش، ئەقلىي كۈچى جايىدا بولمىغان كىشىلەرنىڭ قورال سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ۋە 21 ياشتىن كىچىك كىشىلەرنىڭ قورال سېتىۋېلىشىنى چەكلەش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئامېرىكادا 14-مايدا (2022) بۇفالودىكى بىر تاللا بازىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 10 كىشى، 24-مايدا تېكساسنىڭ ئۇۋالدې شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 19 ئوقۇغۇچى ۋە ئىككى ئوقۇتقۇچى جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، «قورال ئىسلاھاتى» مەسىلىسى ئۈستىدە مۇنازىرە باشلانغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن مەزكۇر مەسىلىدە كونگرەگە خىتاب قىلغان، ئاۋام پالاتاسى بولسا، قورال ئىسلاھاتىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر