خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يۈزتۇرانە كۆرۈشتى

ياپونىيە ۋە خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇنبەر يىغىنى دائىرىسىدە، يۈزتۇرانە كۆرۈشتى.

1842050
خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يۈزتۇرانە كۆرۈشتى
Güney Çin Denizi
güney çin denizi.jpg
güney çin denizi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنى (IISS) تەرىپىدىن 10-ئىيۇندىن 12-ئىيۇنغىچە سىنگاپوردا 19-نۆۋەتلىك «شاڭگىرىللا دىيالوگ مۇنبىرى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىشى نوبۇ بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىشى نوبۇ بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينى شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۆتىدىللىقنى قوغداشقا چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى.

كىشى نوبۇ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا خىتاينىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىغا قارىتا ياپونىيەنىڭ چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئالدىنقى ئايدا ئوكىناۋا ئەتراپىدا خىتاي ئاۋىياماتكاسىدا كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ قونۇش ۋە ئۇچۇش مانېۋىرى قىلىشىنىڭ، «ياپونىيەگە قارشى كۈچ كۆرسىتىش» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

كىشى نوبۇ: «ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئەندىشىلىك مەسىلە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئوچۇق-ئاشكارا ئالاقە ئورنىتىشقا ئېھتىياجلىقمىز» دېدى ۋە خىتاي مەنسەپدېشى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىشى نوبۇ بىلەن ۋېي فېڭخېنىڭ ئۇچرىشىشى، ئىككى قوشنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ 2019-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى سۈپىتىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر