جەنۇبىي كورېيە ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدۇ

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى سۇڭ جۇپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تەسىرى ھازىرىمۇ داۋاملشىۋاتقان ياپونىيە - جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1842238
جەنۇبىي كورېيە ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى سىنگاپوردىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئورنى (IISS) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «شاڭگىرىللا دىيالوگى» مۇنبەر يىغىنىدا، دېڭىز بويىدىكى قوشنىسى ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «ياپونىيە بىلەن ئەستايىدىل دىيالوگ ئورنىتىشقا تەييارمىز» دېدى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان مەسىلىلەرگە قارىماستىن، توكيو-سېئۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىر لى مۇنبەر يىغىنى دائىرىسىدىكى پائالىيەتلەردە ياپونىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن غەيرىي رەسمىي سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدىغانلىقىنى  ئېيتقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، لى ھەپتە ئاخىرىدا ئامېرىكاغا يېتىپ بارغان جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىننىڭ پايتەخت توكيودا زىيارەتتە بولۇشقا مۇۋاپىق ۋاقىت بەلگىلەش ئۈچۈن ياپونىيەلىك ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى پىلانلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەگەر مىنىستىر پارك ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان تەقدىردە، 2019 - يىلى نويابىردىن بېرى تۇنجى قېتىم بىر جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان بولىدۇ.

ياپونىيە كورېيە يېرىم ئارىلىنى مۇستەملىكە قىلغان 1910-1945-يىللىرىدا، «مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنغان كورېيەلىك ئىشچىلار»  بىلەن «ھەربىي قىسىملاردا ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنغان كورېيەلىك ئاياللار» مەسىلىسى، دېڭىز بويى قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى «سەزگۈر مەسىلە» دەپ بىلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر