جو بايدىن ئورمان ئوت ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن يېڭى مېكسىكانى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىشتات تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن يېڭى مېكسىكىنى زىيارەت قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئاپەت ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.

1841667
جو بايدىن ئورمان ئوت ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن يېڭى مېكسىكانى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن يېڭى مېكسىكانىڭ سانتا فېي شەھىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئىشتاتتىكى ئوت ئاپىتى ئۈسىتىدە توختالدى. ئوت ئۆچۈرۈش تىرىشچانلىقىغا دائىر فېدېراتىپ ۋە ئىشتات مەسئۇللىرىدىن مەلۇمات ئالدى. كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بايدىن يەنە فېدېراتىپ ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشتاتقا زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش ۋە پاكىز ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ ئارىلىقتا شامال توربىنلىرى راكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر