گېرمانىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئامېرىكا ئەسكىرىدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بايقالدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانلىق مەركىزى، گېرمانىيەنىڭ شتۇتگارت بازىسىدا تۇرۇشلۇق بىر ئامېرىكا ئەسكىرىدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1841490
گېرمانىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئامېرىكا ئەسكىرىدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانلىق مەركىزى باياناتچىسى پولكوۋنىك بىل سپېكس يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز يېقىندا شتۇتگارت ھەربىي بازىسىدا تۇرۇشلۇق بىر ئەسكەردە مايمۇن چېچىكى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى جەزملەشتۈردۇق. ئەسكەرنىڭ كېسىلىگە شتۇتگار قۇرۇقلۇق ئارمىيە سەھىيە مەركىزىدە دىياگنوز قويۇلۇپ داۋالاندى، بازىدا يالغۇز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرنىڭ سالامەتىلكى ئەسلىگە كەلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سپېكس، ئۇ يەردىكى ئەسكەرلەرگە خەۋپ يېتىشنىڭ تۆۋەنلىكىنى، بىمارنى داۋالىغان دوختۇرلارنىڭمۇ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ساھىبخان دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان سپېكس: «ستۇتگارتتىكى بايقالغان ۋارىيانت ۋىرۇسنىڭ ئىنساندىن ئىنسانغا يۇقۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغان غەربىي ئافرىقا ۋارىيانتىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسى سېپىدىكى تۇنجى مايمۇن چېچىكى دىياگنوزى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر