خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى ۋاقىتلىق ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 يېڭى ۋاقىتلىق ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى.

1840856
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى ۋاقىتلىق ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 193 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ئېكۋادور، ياپونىيە، مالتا، موزامبىك ۋە شىۋېيتسارىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىرى بولۇپ سايلاندى.

بۇ 5 دۆلەت، 2023-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۇدا 2 يىل ۋاقىتلىق ئەزا سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

15 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بولۇپ، قالغان 10 ئەزا دۆلەت بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 5 جۇغراپىيەلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدىن 2 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سايلاپ چىقىلىدۇ.

ۋاقىتلىق ئەزالاردىن 5 ى ھەر يىلى يېڭىلىنىدۇ.

نۆۋەتتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە، ھىندىستان، كېنىيە ۋە مېكسىكانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا توشىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىش ئۈچۈن 193 ئەزالىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر