ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، ياپون دېڭىزى (شەرقىي دېڭىز)دا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1839552
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ۋە ئامېرىكانىڭ، پيوڭياڭنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا سەككىز قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىگە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مانېۋىرغا چىتوسې بازىسىدىن ياپونىيە ھاۋا ئۆز مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ تۆت دانە F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مىساۋا بازىسىدىن ئىككى دانە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتناشقان.

مانېۋىرنىڭ ياپونىيە ۋە ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق ئەھۋالغا ئارىلىشالايدىغان كۈچىنى، ئىككى تەرەپلىك ئىتتىپاقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قويۇق ھەمكارلىقنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى سىگنالىنى بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ مانېۋىر ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرى بولۇپ، 25 – ماي شىمالىي كورېيە ئۈچ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغاندىمۇ ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى.

شىمالىي كورېيە 5 – ئىيۇن (2022)دىكى سىنىقىنى قوشقاندا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان 17 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر