ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىگېرىيەدە چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىگېرىيەدە ئونلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان چېركاۋ ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1839970
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىگېرىيەدە چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 5 – ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى، نىگېرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر چېركاۋ نىشان قىلىنغان، ئاياللار ھەم بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 50 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان، كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھامۇ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى، ھەمدە تېررورىزم ۋە زوراۋانلىققا قارشى كۈرىشىدە ھەردائىم نىگېرىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

نىگېرىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى (NEMA) نىڭ يازما باياناتىدا، 5-ئىيۇن ئوندو ئىشتاتىنىڭ ئوۋو رايونىدىكى چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 22 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 50 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن، بۇ دۆلەتتە 7 كۈنلۈك «مىللىي ماتەم» ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر