ئىراندا يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ  17 ئادەم ئۆلدى

ئىراندا مەشھەد-يېزد ئارىلىقىدا قاتناۋاتقان يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 17 ئادەم قازا قىلدى.

1839451
ئىراندا يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ  17 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاباسنىڭ ئالاھىدە ۋالىيسى ئەلى ئەكبەر رەھىمى، بۈگۈن ئەتىگەندە، مەشھەد-يېزد ئارىلىقىدا قاتناۋاتقان يولۇچىلار پويىزىنىڭ 4 ۋاگونىنىڭ تاباس پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جايدا رېلىستىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، قازادىن كېيىنلا رايونغا قىزىلئاي جەمئىيىتى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ۋە تۆمۈر يولى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 420 يولۇچى ئولتۇرغان پويىزدىكى 17 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 ى ئېغىر بولۇپ، 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە نەق مەيدانغا 12 دانە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن سىرت يەنە، 3 تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭمۇ ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر