مېكسىكادا كېمە چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

مېكسىكانىڭ غەربىي شىمالىدىكى سونورا ئىشتاتىدا بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1839046
مېكسىكادا كېمە چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سونورا ئىشتاتىغا قاراشلىق گۇئايماس شەھىرى ساھىللىرىدىن قوزغالغان كىچىك بىر كېمە چۆكۈپ كەتكەن.

قازادا 8 يولۇچى جېنىدىن ئايرىلغان، 11 كىشى دېڭىز ئارمىيەسى خەلق قوغداش ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، يوقاپ كەتكەن بىر كىشىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر