بورىس جونسون پارتىيەسىنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كونسېرۋاتىپ پارتىيەسى ئىچىدە 148 گە قارشى 211 ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.

1838733
بورىس جونسون پارتىيەسىنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون پارلامېنت ئەزالىرى سۇنغان ئىشەنچسىزلىك مەكتۇپ سانى 54 تىن ئاشقاندىن كېيىن، ئەنقەرە ۋاقتى 20 دىن 22 گىچە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 6-ئىيۇن 23 تىن 7-ئىيۇن 01 گىچە پارتىيە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا غەلبە قىلدى.

بورىس جونسون كونسېرۋاتىپ پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا 148 گە قارشى 211 ئاۋازغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، 12 ئاي بويىچە ئىشەنچ ئاۋازى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەزگىلىدە كارانتىن قائىدەلىرىگە خىلاپلىق قىلغان زىياپەت ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ، ئىستېپا بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭغا ئۆتكۈزگەن زىياپەت سەۋەبىدىن جەرىمانە قويۇلغان بولۇپ، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇنىڭ پارلامېنتقا يالغان سۆزلەش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر